خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-سېنتەبىر ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋىي دىنىي بايرىمى پىل ئىلاھ بايرىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىركۈنلۈك تەبرىكلەش پائالىيىتى. پىل ئىلاھ گانېسنىڭ ئوبرازى پىل باشلىق، ئادەم تەنلىك، تۆت قوللۇق، ئىككى قولىدا دىنىي چالغۇ تۇتقان بولۇپ، قورساقلىرىنى پومپايتىپ بىخارامان ياكى يانپاشلاپ ياتقان قىياپەتتە كۆرۈنىدۇ. گانېس ھىندى دىنىدا بايلىق، ئەقىل-پاراسەت، بەخت-تەلەينىڭ سىمۋولى، ھىندىستانلىقلار گانېسنى خىزىر، ئۆزلىرىگە ئامەت ئېلىپ كېلدۇ، دەپ بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ ھىندىستاندا ئائىلىنى قوغدايدىغان ئىلاھ سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى