باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالەم بوشلۇقى ئىزدەنگۈچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ 27-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ

2014.09.10 13:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالەم بوشلۇقى ئىزدەنگۈچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ 27-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى 10-سېنتەبىردىن 15-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئالەم خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزگە يېقىن ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۈچۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان « بوشلۇق ئىزدەنگۈچىلىرى» يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىننىڭ باش تېمىسى:«ھەمكارلىق- ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە چىقىش ئارزۇسى» بولۇپ، جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق 19 دۆلەتتىن كەلگەن 90دىن ئارتۇق ئالەم ئۇچقۇچىسى قاتنىشىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت- ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئۇچۇش تەجرىبىسىنى ئەسلەشكە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇچۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، خەلقئارا ئادەملىك ئالەم تۈرىنى چۈشەندۇرۇش، ئىنسانلارنىڭ قانداق قىلغاندا خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، نامەلۇم بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىشنى چۆرىدىگەن ھالدا چۇڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ نەزىرى ئارقىلىق، خەلقئارا ھەمكارلىق ئىستىقبالىغا نەزەر تاشلاش، خەلقئارا ھەمكارلىق ساھەسىنى ئېچىش، خەلقئارا ھەمكارلىق ئىجادىيىتىنى قوزغاش. يىغىن مەزگىلىدە بارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يىغىن، باش تېمىلىق يىغىن، تېخنىكا تارماق يىغىنى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەت كۈنى، مەدەنىيەت ئېكىسكۇرسىيەسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر