- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىران ئامېرىكىغا ياردەملىشىپ ئىراقتىكى توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2014.06.17 02:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شياڭگاڭدا چىقىدىغان مەجمۇھالە گېزىتىنىڭ 16-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە: ئىراقتىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ ئۇرۇشى كەسكىنلىشىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان. ئىران زۇڭتۇڭى روخانى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زىبارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە، ئىراقتىكى سۈننى مەزھىپىدىكى ئەسەبىي قۇراللىق تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
روخانى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھەرىكەت قوللىنىپ قۇراللىق تەشكىلاتقا تاقابىل تۇرۇدىغان بولسا، ئىرانمۇ ئىراقنى قوللاش ئۈستىدە ئويلىشىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.
زىبارىمۇ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەر ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى، ئامېرىكىغا ئوخشاش تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ئورتاق قوغداش نىشانى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر