19-ئاپرېل، نىپالنىڭ كاتماندۇدا قار كۆچۈشتە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قازا خەۋىرىنى ئاڭلاپ يىغلىماقتا. نىپال تاراتقۇلىرىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 18 – ئاپرېل ئەتىگەندە جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ جەنۇبىي يانتۇلۇقىدىكى قار كۆچۈشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 15 كە يەتكەن. نىپال تاغقا يامىشىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئاڭ شېرىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىنسانلارنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا يامىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق ۋەقە ئىكەن.