- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇ يىل ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى ئازايدى
2014.04.21 10:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىل مەركەزنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىگە مالىيەدىن ئاجرىتىلغان خامچوتى 7 مىليارد 151 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ دەسلىپىدىكى خامچوتتىكىدىن %10.3 تۆۋەنلىگەن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى ھەقىقىي تۆۋەنلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈش، ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئىگە قىلىش قەتئىي ئىرادىسى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ ماختاشقا ئەرزىيدۇ.
لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنى تۆۋەنلىتىش مەقسەت ئەمەس، بۇ بىر ۋاسىتە، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتىكى ۋاسىتە، شۇنداقلا مۇلازىمەت تىپىدىكى پاك ھۆكۈمەت قۇرۇشتىكى ۋاسىتە. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنى ئازايتىش بىلەن بىرگە، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ نۆۋەتتە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئالدى قويۇلغان كەسكىن سىناق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بىر جەھەتتىن، ئاز پۇل خەجلەشنى ئۆگىنىۋېلىش، خەجلەشكە تېگىشلىك بولمىغان پۇلنى خەجلىمەسلىك كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئەپچىللىك بىلەن پۇل خەجلەشنى ئۆگىنىۋېلىش، بىر پۇڭ پۇلنىمۇ يېرىمدىن بۆلۈپ خەجلەشتەك تىجەشلىك بولۇش روھىنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنىڭ ئازىيىشى ئەل رايىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، كىشىلەر كۆلىگە ياقىدۇ. مۇشۇ ئاساستا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئاممىۋىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى تۆۋەنلەتمەسلىكى، ۋەزىيەتنى بوشاشتۇرماسلىقى، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىقى كېرەك، بۇ ئەلنىڭ ئارزۇسى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر