باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىرنىڭ جازاسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى چۆچۈتۈۋەتتى(2)

2014.03.27 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر قانۇنىغا ئاساسەن، جاۋابكار ئالىي نارازىلىق ئەرزى سوتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدۇ. تەھلىلچىلەر دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ گۇمانى شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ ئۆز ئاممىۋى ئىشەنچلىك كۈچى قاتارلىقلارنى ئويلىشىپ، سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قايتا ھۆكۈم قىلىشى ۋە جازاغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى، ئاخىرقى ھۆكۈم دەسلەپكى ھۆكۈمنىڭ نەتىجىسى بىلەن بەكلا پەرقلىنىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

  مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ قېتىمقى ھۆكۈم مىسىرنىڭ سىياسىي بۆلۈنۈشى ۋە جەمئىيەتنىڭ داۋالغۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتىۋەتتى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىكىدىكى قانۇنلۇق مەملىكەتلىك ئىتتىپاقنى قوللىغۇچىلار بۇنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەم ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى نامايىش قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

  نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىسىنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئارمىيە باشچىلىقىدىكى مىسىر دائىرىلىرى چوڭ ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ۋەزىيەتنى ئاساسەن تىزگىنلىيەلەيدۇ، شۇڭا بۇ ھۆكۈم قىسقا مۇددەت ئىچىدە مىسىر ۋەزىيىتىنى چەكلىك داۋالغۇتىدۇ، لېكىن ئۆتكۈنچى مۇساپىگە ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دەپ قارىدى. بۇ قېتىمقى ھۆكۈم گەرچە جەمئىيەتتە نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن مىسىرنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا، توقۇنۇش دائىرىلەر دۇچ كېلىدىغان ئاساسلىق خىرىس بولماي قالدى، دائىرىلەر باشقا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر