خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇدا ئالتە كۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك دېڭىز سەپىرىدىن كېيىن جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ چيەنداۋخۇ، كوئىنلۇن، خەيكۇ قاتارلىق ھەربىي كېمىلەردىن تەشكىللەنگەن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانىنى ئىزدەش ئەترىتى ئىككى تىك ئۇچارنى ئېلىپ، 26-مارت ئەتىگەن سائەت 7:00دە جەنۇبىي ھىندى ئوكياننىڭ ئاۋسترالىيە پېرت پورتىنىڭ غەربىي شىمالىغا 1100 دېڭىز مىلى كېلىدىغان ئىزدەش رايونىغا يېتىپ بېرىپ ئىزدەش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.