باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىرنىڭ جازاسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى چۆچۈتۈۋەتتى(1)

2014.03.27 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىردىكى بىر يەرلىك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى يېقىندا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 528 ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى، ئۇلارنىڭ جىنايىتى بۇلتۇر 8-ئايدىكى بىر مەيدان نامايىشتا ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە بىر ساقچى ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈشكە چېتىلغان.

  بۇ قېتىمقى ھۆكۈم نۇرغۇن كىشىلەرگە چېتىلىدۇ، بېرىلگەن جازا ئېغىر بولۇپ، مىسىر بۈگۈنكى زامان تارىخىدا ئاز ئۇچرايدۇ. شۇ جايدىكى تەھلىلچىلەر مىسىر دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى باستۇرۇشىدىكى يەنە بىر قاتتىق تەدبىر بولغان بۇ جازا ۋەزىيەتنى يەنىمۇ داۋالغۇتىۋېتىشى مۇمكىن. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ تەسىرى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشقاندا، بۇ دېلو قايتىدىن سوتلىنىشى ۋە ھۆكۈم چىقىرىلىشى مۇمكىن، مىسىرنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىسى بۇنىڭ بەك چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ دېدى.

  مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى مىنيا ئۆلكىلىك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 22-مارت سوت ئېچىپ، بۇ دېلونى سوتلاپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 545 ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىسىنى بۇلتۇر 8-ئايدىكى بىر مەيدان نامايىشتا ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان ھەم بىر مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن دەپ ئەيىبلىدى. ئۇلار يەنە توقۇنۇشتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى كۆيدۈرۈش، ساقچى قوراللىرىنى ئوغرىلاش، بىگۇناھ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش، ئاممىۋى تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن گۇمان قىلىندى.

  سودىيە 24-مارت ئاخىرقى بىر قېتىملىق سوتلاشتا، 528 كىشىگە يۇقىرىقى جىنايەت بىلەن ئۆلۈم ھۆكۈم قىلغانلىقى، قالغان 17 سىنىڭ گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. تەھلىلچىلەر مىسىر دائىرىلىرى بۇ جازا ئارقىلىق، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئەھمىيەتسىز قارشىلىقتىن ۋاز كېچىشكە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، يەنە بىر قېتىم مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى دەپ قارىدى. قاھىرە ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي جەمئىيەتشۇناسلىق پىروفېسسورى سەئىد سادىق بۇ جازا-قانۇنىي ئۈنۈم ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى كۈچلىرىنى قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر