باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىرنىڭ جازاسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى چۆچۈتۈۋەتتى(3)

2014.03.27 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدى بىلەن، ئارمىيە رەھبىرى ۋە يېڭى پىرېزىدېنت نامزاتى سېسىنىڭ ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلىپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سېسى پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن چوقۇم بارلىق ھەربىي ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەك، شۇڭا ئارمىيەدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئۆزىگە ئىزباسار ئىزدەش سېسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.

  ئىككىنچىدىن، مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى چوڭ سايلام باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇپ، پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئىختىلاپىنى تۈگىتىشى لازىم. تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى پىرېزىدېنت سايلىمى قانۇنى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان تالاش-تارتىش قوزغاپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، «ئالىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سايلام نەتىجىسىگە ئەدلىيە جەھەتتىن نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ھاجەتسىز» دېگەن ماددا نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ تەنقىدىنى قوزغىدى، بەزى گۇرۇھلار بۇ قانۇن ماددىسى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىدى.

  بۇندىن باشقا، بۇ قېتىمقى پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ تەييارلىقىغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كەتتى. يىل بېشىدىكى يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا سېلىشتۇرغاندا، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىدا تېخىمۇ ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق ئاۋاز بېرىش سىستېمىسى ئىشلىتىلىدۇ، ئەسلىھە ۋە ئادەم كۈچى سېلىنمىسى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، بۇ جەھەتتە ئالاقىدار ئورگان ۋە خادىملارنى تەربىيەلەشكە توغرا كېلىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر