باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئەمەلدارى غەززەدىكى قامالنى بىكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.03.27 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان مەخسۇس خادىمى گراندى 25-مارت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا يولغا قويغان قامىلىنى بوشىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  گراندى شۇ كۈنى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خەلقئارا قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيەنىڭ 2007-يىلىدىن بۇيان غەززە رايونىنى قامال قىلىشى قانۇنسىز ھەرىكەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى ئىزچىل بۇ قامالنى بىكار قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدى. قامال قىلىش بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ئىمبارگوسى پەيدا قىلىپ، ئاپپاراتلارنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتتى.

  ھازىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ غەززە رايونىدا 20 قۇرۇلۇش تۈرى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرغان مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر