- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شى جىنپىڭ فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئوۋلاند بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
2014.03.27 15:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-چېسلا پارىژدا فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئوۋلاند بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقى جۇڭگو ـ فرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەسلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو ــ فرانسىيەنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئومۇميۈزلۈك، ئىستىراتىگىيەلىك، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدىن بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ــ فرانسىيە قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشقاندىلا، نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارلاق ئىستىقبال يارىتالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر