- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مالايشىيا تەرەپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتلىرىنى جۇڭگوغا تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتتى
2014.03.27 16:02 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ‹‹يېڭى خەلقئارا ›› مىكرو بىلوگىنىڭ 27-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مالايشىيا تەرەپ MH370 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا ھالاك بولغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر ۋە سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتلىرىنى جۇڭگوغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان . مالايشىيا زۇڭلىسى ناجىب 26-مارت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يېسۈي بىلەن كۆرۈشۈپ ، مالايشىيا تەرەپنىڭ ئۇچۇرلارنى ئۆز ۋاقتىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ، جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى مۇناسىۋەتلىك دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىزدەش خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر