باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە جۇڭگودىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالمايدىغاندەك قىلىدۇ(2)

2013.11.12 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن ش ئا ئە ت نى رەنجىتىپ قويدى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرى، تۈركىيەنىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىدە جۇڭگو نازۇك ماشىنا ـ ئۈسكۈنە ئىمپورت – ئېكسپورت شىركىتى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە رۇسىيەنىڭ شىركەتلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانىدى. تۈركىيەنىڭ «ئەركىنلىك گېزىتى» مۇنداق دېدى: 3 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بۇ سودا، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ش ئا ئە ت دىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى رەنجىتىپ قويدى. 22 – ئۆكتەبىر، ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى راسمۇسېن تۈركىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن توختام تۈزۈشتىن ئىلگىرى، ش ئا ئە ت دىكى مەيدانىنى ئوبدان ئويلاپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى. 24 – ئۆكتەبىر، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى تۈركىيە جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن سودىلاشسا، تۈركىيەنىڭ ش ئا ئە ت دىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دېدى.

  تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن ش ئا ئە ت نىڭ بېسىمىغا بىر مەھەل قاتتىق پوزىتسىيەدە بولدى. تۈركىيەنىڭ «كۈندىلىك ئاخبارات» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان 23 – ئۆكتەبىر ھېچكىم تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل قارار چىقىرىشىغا ئارىلىشالمايدۇ، تۈركىيەنىڭ قارارىدا چاتاق يوق، تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بىر قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭدىن ش ئا ئە ت نىڭمۇ خەۋىرى بار ئىدى. جۇڭگونىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ھەممىدىن ياخشى ئىكەن، دېگەن.

  ئەردوغان يەنە مۇنداق دېگەن: ش ئا ئە ت گە ئەزا باشقا دۆلەتلەرمۇ رۇسىيەدىنمۇ قورال سېتىۋېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىزدىن ھەيران قېلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. يەنە كېلىپ بىز تېخى توختام تۈزمىدۇق.

  شۇ كۈنى تۈركىيە زۇڭتۇڭى گۈل مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بىللە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىغاندا، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە كەسپىگىمۇ، دۆلەتنى قوغداشقىمۇ پايدىلىق. تۈركىيە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. لېكىن، قارار چىقارغاندا تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىنى ئاۋۋال ئويلىشىدۇ. «قىزىل بايراق ـ 9» __ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ئەڭ ئىلغار سىستېما

  جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان ئېتىلىش مۇساپىسى 125 كىلومېتىر، ھەر خىل ئايروپىلانلارنى ئۈنۈملۈك توسالايدىغان، 360 گىرادۇس ئايلىنىپ نىشانغا يېتىپ بارالايدىغان FD-2000 ناملىق يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى 2012 – يىلى تۇنجى قېتىم جۇخەي شەھىرىدە كۆرگەزمە قىلىنغان.

  بۇ سىستېما زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ ۋە كەلگۈسىدىكى ھاۋا مۇداپىئەنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ھەر قانداق دۆلەتكە سېتىپ بېرىشكە بولىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، FD-2000 ناملىق يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سىستېما بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى تېخنىكىسىغا ئىگە 3 – دۆلەتكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر