باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ سوقۇش ئايروپىلانلىرى سۇرىيەنىڭ سوقۇش ئايروپىلانىنى توسىدى

2013.11.05 15:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئەنقەرە، 3 – نويابىر تېلېگراممىسى. تۈركىيە قوراللىق قىسىمىنىڭ باش ئىشتابى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: سۇرىيەنىڭ بىر سوقۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە – سۇرىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا ئۇچقانلىقىنى بايقىدۇق، بىز دەرھال چېگرا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى سوقۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ئۇنى توسۇۋالدۇق.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە ئايروپىلانى سۇرىيەنىڭ ‹‹24–Su›› بەلگىلىك بىر سوقۇش ئايروپىلانىنىڭ سۇرىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى خاتاي ئۆلكىسى چېگراسىغا يېقىن جايدا ئۇچۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى دەرھال ‹‹16–F›› بەلگىلىك ئىككى سوقۇش ئايروپىلانىنى ئەۋەتىپ توسىدى. سۇرىيە سوقۇش ئايروپىلانى تۈركىيە – سۇرىيە چېگراسىغا تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا يېقىن كېلىپ، دەرھال يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ قايتىپ كەتتى.
تۈركىيە بىلەن سۇرىيەنىڭ چېگراسى 910 كىلومېتىر كېلىدۇ، سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت چېگرالىنىدىغان جاينىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق كەسكىنلەشتى. سۇرىيەدىكى توقۇنۇشنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى چېگرادىكى ئەسكەرلەرنى كۆپەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر