باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قورۇق دىپلوماتىيەسى بارغانسېرى ئۆزىنىڭ «يۇمشاق تەسىر كۈچى»نى نامايان قىلماقتا(1)

2013.06.09 13:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «قۇياش يۇرتى» دەپ نام ئالغان Annenberg قورۇقى شى جىنپىڭ-ئوباما ئۇچرىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى، ھەشەمەتلىك دۆلەت زىياپەتلىرى بولمىغان بۇ يەر ئەركىن ئازادە كەيپىياتقا تولغان ئىدى. بۇ خىل گالستۇك تاقىمايدىغان قورۇق دىپلوماتىيەسى دىپلوماتىيە سەھنىسىدە بارغانسېرى ئۆزىنىڭ يۇمشاق تەسىر كۈچىنى نامايان قىلىپ، تارىخ كارتىنىسىدا ئاجايىپ ئېسىل دەقىقىلەرنى قالدۇرماقتا.

  داۋىد لاگىرى قورۇق دىپلوماتىيەسىدىكى ۋەكىللىك نام ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ بۇ ئارامگاھى مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى تىنچلىق كېلىشىمىگە شاھىد بولغانلىقى بىلەن، ئارامگاھتىن سىياسىي دىپلوماتىيە ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. ھازىر بولسا، غەربىي قىسىمدىكى داۋىد لاگىرى دەپ نام ئالغان Annenberg قورۇقىدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرىگە تولدى.

  ئەمەلىيەتتە قورۇق دىپلوماتىيەسى ئامېرىكىدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، مەيلى زۇڭتۇڭ ۋاشىنگتون ياكى زۇڭتۇڭ جېففېرسون بولسۇن، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇ يەرلەر يەنىلا يېرىم سىياسىي مەركەز بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىلىقلار ئاددىي، ئەركىن تۇرمۇشنى ياخشى كۆرگەچكە، ئاق سارايدىكى سۈرلۈك ئېللىپس شەكىللىك ئىشخانا بارغانسېرى ئېتىباردىن قېلىۋاتاتتى. ئوباما ھەتتا ئۇنى «قەپەس »گە ئوخشاتتى. مۇشۇنداق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، قورۇقلار تەبىئىيلار زۇڭتۇڭنىڭ مۇھىم مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان ياخشى سورۇنىغا ئايلاندى. ئەركىن ئازادە كەيپىيات كۆپىنچە ھاللاردا «تىكىنى بار» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئويلىمىغان ياخشى ئۈنۈملەرنى ئېلىپ كېلەتتى.

  1959-يىلى جاھاننى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ قارا بۇلۇتى قاپلىدى. ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئېزىنخوۋېر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى خىرىشوفنى ئۆزىنىڭ گېتتىسبورگدىكى شەخسى دېھقانچىلىق مەيدانىغا تەكلىپ قىلدى. دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى چارۋىلار، ئوت-چۆپلەر دېھقان ئەۋلادى بولغان خىرىشوفقا ناھايىتى يېقىپ كەتتى. مۇشۇنداق ياخشى كەيپىيات ئىچىدە تىغمۇ-تىغ تۇرۇۋاتقان بېرلىن مەسىلىسىمۇ ھەل قىلىنىش تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

  ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بۇشمۇ قورۇق دىپلوماتىيەسىنى يۈرگۈزۈش ئۇستىسى. ئۇنىڭ كىراۋفورد دېھقانچىلىق مەيدانى غەربىي قىسىمدىكى «ئاق ساراي» دەپ نام ئالغان شۇنداقلا ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىنىڭ بارومېتىرى دەپ ئاتالغان. بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ «بوسۇقى» ناھايىتى ئېگىز بولۇپ، كىچىك بۇش ئىلگىرى چاقچاق ئارىلاش: ئۆي دېگەن مېھمانغا ئېچىۋېتىلىدۇ، ئەمما بەزى چاغلاردا بىر ئىككى مال ساتقۇچىنىمۇ تەكلىپ قىلىپ قالىمەن، دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسى: پەقەت زۇڭتۇڭ دوست قاتارىدا كۆرگەن كىشىلا بۇ ئارامگاھقا تەكلىپ قىلىنىدۇ، دېگەنلىك ئىدى. 2001-يىلى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنغان تۇنجى چەتئەل رەھبىرى بولۇپ قالدى. پۇتىن بۇ قورۇقتا ئۆزى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق تەييارلىدى، جاز مۇزىكا ئەترىتى بىلەن بىللە نومۇر كۆرسەتتى. مۇشۇنداق ئەركىن كەيپىيات ئىچىدە، رۇسىيە-ئامېرىكا رەھبەرلىرى 3تىن 2 قىسىم يادرو ئوق بېشىنى ئازايتىشنى ئەھدە قىلىشتى. 2007-يىلى رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن پەيتتە، كىچىك بۇش يەنە بىر قېتىم پۇتىننى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. كىچىك بۇشنىڭ دادىسى چوڭ بۇشنىڭ مەينې شىتاتىدىكى Kennebunkport قورۇقى پۇتىننىڭ شۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولدى. بۇنىڭ بىلەن تاراتقۇلار مۇنداق بىر كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىۋالدى: قارا كۆزەينەك تاقىغان پۇتىن ئۇچىسىغا گۈللىك كۆينەك كىيگەن كىچىك بۇش ۋە كالتەكتوپ شەپكىسى كىيىۋالغان چوڭ بۇشنىڭ ھەمراھلىقىدا، ساياھەت كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، بېلىق تۇتۇپ كۆڭۈل ئېچىۋاتاتتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە