خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن ئاننېنبېرگ قورۇقىدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-چېسلا ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ئاننېنبېرگ قورۇقىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار نى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بايا زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتنى تاماملىدۇق، ئۆز دۆلاىتىمىزنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋىتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە سەمىمىي ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن زۇڭتۇڭ ئوباماغا شۇنى ئېنىق بىلدۈرىمەنكى، جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. (دۇ شاڭزې، ۋۇ يۈن، چېن يىمىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى