باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قورۇق دىپلوماتىيەسى بارغانسېرى ئۆزىنىڭ «يۇمشاق تەسىر كۈچى»نى نامايان قىلماقتا(2)

2013.06.09 13:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  Kennebunkport قورۇقىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيەسى بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋىتى بار. 2002-يىلى جاڭ زېمىن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا، بۇ قورۇقتا ساھىبخان پىشۇرغان كاۋاپلارغا ئېغىز تەككەندىن باشقا، كىچىك بۇش بىلەن جياڭ زېمىن ئايرىم بىر سائەت بىللە قىيىق ھەيدىگەن. بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ شەخسىي مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ ئۈلگىسى، دەپ قارالغان ئىدى.

  قورۇق دىپلوماتىيەسى خاس ئامېرىكىنىڭلا ئىجادىيىتى بولماستىن، بەلكى كەڭ دۇنياۋى ئاساسقا ئىگە. پۇتىنمۇ قارا دېڭىزدىكى مەرۋايىت دەپ ئاتىلىدىغان سۇچىدا رۇسىيە-ياۋروپا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا چوڭ بۇش قاتارلىق سىياسىي ئەربابلار بىلەن كۆرۈشكەن. 2005-يىلى 9-ئايدا، پۇتىن بۇ يەردە شۇ ۋاقىتتىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گاڭچۈەن بىلەن كۆرۈشكەن. رەسمىي ئۇچرىشىشتىن كېيىن، پۇتىن يەنە ساۋ گاڭچۈەننى قېپقېلىپ بىللە پىۋا ئىچىشكە تەكلىپ قىلغان. ئىككىيلەن پۇتىننىڭ داچىسىنىڭ بارىڭىدا مۇڭداشقان. بۇ جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىيە ئىشلىرى تارىخىدىكى بىر قىزىق پاراڭغا ئايلانغان ئىدى.

  ئەنگلىيەدىكى CHEQUERS قورۇقىدىمۇ نۇرغۇنلىغان دىپلوماتىيە ئۇچرىشىشلىرى بولغان. 2001-يىلى ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بۇلايېر CHEQUERS قورۇقىدا زىياپەت تەييارلاپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىچىك بۇشنى كۈتۈۋېلىپ، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قەدىناس دوست ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. 2009-يىلى ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى Gordon Brown ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى يېقىشىپ قىزغىن كۆرۈشكەنلىك سۈرىتى توردا كەڭ تارقالغان. بۇلاردىن باشقا ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى بىرلوسكونىنىڭ داچىسى، مېكسىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى فۇكىسنىڭ قورۇقى قاتارلىقلارمۇ قورۇق دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى نامايان قىلغان.

  ئەلۋەتتە، قورۇق دىپلوماتىيەسى ئەنئەنىۋىي دىپلوماتىيەنىڭ تولۇقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ راۋاجى شۇنداقلا بىر خىل جانلىق كۆرۈشۈش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن «گۈل ئۈستىگە گۈل چېكىلگەندەك» ئۈنۈم بېرىش-بېرەلمەسلىكىدە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. بىز كالىفورنىيە شىتاتىدىكى «قۇياش يۇرتى» قورۇقىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلدۈرىشىنى كۈتمەكتىمىز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە