باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى

2015.05.05 09:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام ياقۇپ خەۋەر قىلىدۇ: بۈگۈر ناھىيەسى بازارنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار›› غا مۇلازىمەت قىلىش، ‹‹يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش›› نى نىشان قىلىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، سېلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلۈمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يىلمۇ-يىل يوقۇرى كۆتۈردى.

  بۇ ناھىيە 2015- يىلى مۈلۈك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا يەرلەرنى مۇۋاپىق ئوبۇرۇت قىلىشقا يېتەكلەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كۆلۈمىنى 3000 موغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاپ، يېڭىدىن 500 مودىن ئارتۇق پارنىكنى كۆپەيتتى. نۆۋەتتە، 1497 ئورۇندا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى (لاپاس) بار بولۇپ، كۆلۈمى 2287 موغا، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 8500 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 17 مىلىيۇن 500 مىڭ يۈەن يەتتى. بۇ ناھىيە كېيىنكى قەدەمدە كۆتات يېڭى سورتلىرىنى، يېڭى تېخنىكىلارنى داۋاملىق كىرگۈزۈپ، دېھقانچىلىق تېخنىكىللىرى ۋە دېھقانلارنى تەبىيەلەپ، ئۆلچەملەشكەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە پەرۋىشىنى يولغا قويۇپ، پۈركۈپ، تېمىتىپ سۇغۇرۇش، ھاشارەت يوقىتىش چىرىقى، كۈن نۇرىنى توسۇش تورى، ھاشارەتتىن مۇداپىيەلىنىش تورى قاتارلىق يېڭى ماتىريال، يېڭى تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ كۆكتاتچىلىقتىن قىلغان كىرىمىنى ھەقىقىي يوقۇرى كۆتۈرۈشنى پىلانلىدى.

  بۈگۈر ناھىيە سوخۇ يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن ئىلھام ياقۇپ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر