باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى

2015.05.05 09:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇچا ناھىيەسى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ،يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۇتقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى پىلانلىق ھالدا يىلمۇ – يىل كۆپەيتىش بىلەن بىرگە پارنىكلارنىڭ ئۈنىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ ناھىيە بۇلتۇر قىشتىن بۇ يىل ئەتىيازغىچە 4680 ئادەم/قېتىمنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدى، پارنىكتا پەسىلسىز كۆكتات ئۆستۈرۈش بازىسىدىن توققۇزنى قۇرۇپ، كۆكتات سورتىنى تاللاش، مايسا يېتىشتۈرۈش، تېرىش، پەرۋىش قىلىش، سېتىشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. 13 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئۇچا، بېھىشباغ، ئۇرۇقچىلىق مەيدانى قاتارلىق يېزا – بازار، مەيدانلاردا 7000 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە يىلىغا 1 مىليون 750 مىڭ تۈپ مايسا يېتىشتۈرگىلى بولىدىغان زامانىۋى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن ئالتىنى قۇردى، كۆكتات مايسىلىرى ۋە مېۋىلىك كۆچەتلەرنى سېتىۋالغان دېھقانلارغا باھادا %50 ئېتىبار بەردى. ھازىر ناھىيە بويىچە پارنىك كۆلىمى 12 مىڭ 500 موغا، پارنىك 2400 گە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ ھەر مو پارنىكتىن قىلغان يىللىق كىرىمى 18 مىڭ يۈەنگە، ساپ كىرىمى 13 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر