باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىللىق شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى

2015.02.12 10:30   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

2015-يىللىق شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 10-فېۋرال چۈشتىن كېيىن تۇرپاندا باشلاندى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تولۇقسىز يىللىق ئوغۇللار، قىزلار گۇرۇپپىسى، باشلانغۇچ يىللىق ئوغۇللار، قىزلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق تۆت گۇرۇپپا بويىچە 10-فېۋرالدىن 15-فېۋرالغىچە جەمئىي ئالتە كۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ. قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، بايىنغۇلىن، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن كەلگەن 35 كوماندا بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىنجاڭ مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىش ئۈچۈن كەسكىن رىقابەتلىشىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 2011-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، بەش يىللىق تارىخقا ئىگە. ئالدىنقى يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ يىلقى مۇسابىقىدە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئالدى بىلەن، باشلانغۇچ يىللىقلار مۇسابىقىسى بەش كىشىلىك مۇسابىقىدىن سەككىز كىشىلىك مۇسابىقىگە ئۆزگەرتىلدى؛ بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان كىچىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى مۇسابىقىلەرگە كۆپرەك چۈشۈشى ئۈچۈن، ئىچكى قىسىمدا گۇرۇپپىلارغا ئايرىلماي بىۋاسىتە ئايلانما مۇسابىقىگە كىرىش پۇرسىتى يارىتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2009-يىلدىن باشلاپ مەكتەپ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرغاندىن بۇيان، نۆۋەتتە پۇتبول پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئەسلىدىكى 30 نەچچە مىڭدىن ھازىرقى 100 نەچچە مىڭغا كۆپەيگەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، ناھىيەلىك، يېزىلىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە بىۋاسىتە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئەسلىدىكى 2000 نەچچە ئادەمدىن كۆپىيىپ ھازىر 10 مىڭدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە قىزلار پۇتبول كوماندىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن، خوتەن ۋىلايىتىدىلا قىزلار پۇتبول كوماندىسىدىن 39 ى قۇرۇلغان.

  شىنجاڭدا مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان مەكتەپلەر كۆپ بولغاچقا بۇ مۇسابىقە شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن ئىبارەت ئىككى مۇسابىقە رايونىغا ئايرىلغان، بۇ ئىككى مۇسابىقە رايونىدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئاۋۋال دەسلەپكى مۇسابىقە ۋە قايتا مۇسابىقە ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەر يىلى ئىيۇندا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇسابىقە تاماملىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مۇدىرى ۋە يەسل…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى يېنىكلىتىلدى
      ·بېيجىڭدا بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە يېقىندىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
      ·ئاپتونوم رايون قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015- يىللىق ماگىستىر ئاسپىراتلىققا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپك…
      ·«ئاپتونوم رايوننىڭ 2015- يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى تىزى…
      ·ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكە(شەھەر)دىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا كەسپى تېخنىكوم سىنىپلىرىغا 3 مىڭ 300 ئوقوغ…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر شىنجاڭ نۇسخىسىدىكى ئېقىم مەسىلىلىرى تەرب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى : غەربنىڭ قىممەت قارشىنى تارقىتىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللارنى دەرسخانىغا كىرگۈز…