باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى چەت يىراق رايونلارغا يەتكۈزىدۇ

2015.01.05 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي شىنجاڭ، يىراق چەت دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە شەھەر بازارلاردىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنىڭ مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاش، مەجبۇرىيەت مائارىپى پەرقىنى كىچىكلىتىش، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەلگۈسى ئالتە يىلدا ئاممىۋى مائارىپ بايلىقى سىياسىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭ، يىراق چەت دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە شەھەر بازارلاردىكى ئاجىز مەكتەپلەرگە ئىتتىبار بېرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىتتىبار بېرىش سىياسىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە يىراق چەت دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرى ، شەھەر بازارلاردىكى ئاجىز مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئىشنى ئەڭ قىيىنچىلىقى بار جايلاردىن باشلاپ، ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلايدۇ. ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلار، شەھەرلەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەرگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن پەرزەنتلەر ، مېيىپ ئۆسمۈر بالىلار ۋە يېزىلاردا قىلىپ قالغان بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە پائال مەدەت بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك مەزمۇننى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى قىلىدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى جەھەتتە پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز نىشانلىق تەربىيىلەش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ. شىنجاڭنىڭ چەت يىراق نامرات رايونلىرىدىكى يېزا مەكتەپلىرىگە ئىختىساسلىقلار جەھەتتىن مەدەت بېرىش پىلانىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس پىلانى يولغا قويۇلىدۇ. بۇ پىلان 2013-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە قىلىپ بېكىتىلدى. ھەر يىلى 1000دىن كۆپرەك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق 35 نامرات ناھىيىدىكى يېزا مەكتەپلىرىگە بېرىپ بىر يىل مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر