2015-يىل 5-يانۋار خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرى جىڭسەن يولىدا «زەمبىرەك » ئورنىتىلغان بىر چوڭ قارا ماشىنا پەيدا بولۇپ قالدى . خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ بىر كۆپ ئىقتىدارلىق چاڭ-توزان بېسىقتۇرۇش ماشىنىسى بولۇپ ، ‹‹تۇمان ماشىنىسى›› دەپ ئاتىلىدىكەن . ئىنژېنېر جاڭ گوچياڭ: ‹‹بۇ ماشىنىغا 10 توننا سۇ قاچىلاپ 75 مىنۇت پۈركۈگىلى بولىدۇ ›› دېدى . بۇ «زەمبىرەك » پۈركىگەن تۇمان دانىچىسى مىكرومېتىر دەرىجىسىگە يېتىدىغان بولۇپ، ھاۋادىكى بۇلغانغان دانىچە ماددىلار، چاڭ-توزان قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك پارچىلاپ، چاڭ – توزانلىق تۇماننىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.