باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى يىلدا «تۇنجى يولۋاس» ياڭ ۋېيزې قولغا چۈشتى

2015.01.05 18:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2015-يىلنىڭ بىرىنچى خىزمەت كۈنىدە نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى ياڭ ۋېيزېنى تەكشۈرۈش خەۋىرىنى ئېلان قىلدى، ئۇ بۇ يىل تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈلگەن ئۆلكە مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان 6-قېتىم قولغا چۈشكەن ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جى جيەنيېنىڭ قولغا چۈشكىنىگە بىر يىلدىن ئارتۇق بولغان، ئالاقىدار دېلولارغا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئەرز سۇنۇلغان.

  بۇ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2015-يىلى قولغا ئالغان تۇنجى «يولۋىسى» شۇنداقلا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكەت ئابونتى بۇ يىل يېڭى يىلدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۆلكە مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ قولغا چۈشكەنلىك ئۇچۇرىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر