باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېن شۈيبيەن 5-يانۋار داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىلىدۇ، ما جيۇيىڭ دائىرىلىرى سىياسەت توقۇنۇشى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

2015.01.05 18:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ «تۈزىتىش مەھكىمىسى» 5-يانۋار يىغىن ئېچىپ چېن شۈيبيەننىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش دېلوسىنى داۋاملىق تەكشۈرىدىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، چېن شۈيبيەننىڭ شۇ كۈنى تۈرمىدىن چىقىشىدا مەسىلە يوقكەن. دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كې جيەنمىڭنى چاقىرتىپ كېلىشتىن بۇرۇنمۇ «قانۇن مىنىستىرلىكى»نىڭ چېن شۈيبيەننىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن خەلق بىلەن ئالاقىلىشىشىغا قوشۇلغانلىقى، كىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سالاملاشسا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. لېكىن ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇنداق تەكىتلىگەن: چېن شۈيبيەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە چېتىشلىق بولغان خىيانەتچىلىك جىنايىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىنغان يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانە ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى داۋاملىق تۆلەيدۇ، تۆلەپ بولغان قىسمى چىقىرىۋېتىلىدۇ، چېن شۈيبيەن ئەر-خوتۇن يەنە 984 مىليون 330 مىڭ يۈەندىن(تەيۋەن يېڭى پۇلى) ئارتۇق پۇل تۆلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر