ئارگېنتىنا‹‹ دۆلەت گېزىتى ››نىڭ 31-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى يىل ھارپىسىدا، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى كىرىستىنا ئەرمەك ھايۋان باققان ئايروپىلان يولۇچىلىرى ئۈچۈن خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن.2015-يىلى 16-يانۋاردىن باشلاپ، ئارگېنتىنا ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلارنى ئەرمەك ئىت ۋە مۈشۈكلەرنى ئېلىپ ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن.
كىرىستىنا مۇنداق دېگەن: بۇ بەلگىلىمىدە يولۇچىلارنىڭ ئەرمەك ئىت، مۈشۈكلەرنى ئۆزى بىلەن ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان، لېكىن ھەر بىر يولۇچىنىڭ ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىدىغان يۈكى يەنىلا 100 جىڭدىن ئاشماسلىقى كېرەك.
كىرىستىنا بۇ بەلگىلىمىنى ئېلان قىلىپ 2-كۈنى ئارگېنتىنا ئاۋىياتسىيە شىركىتى CEO بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان .