خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 2-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 1-چېسلا، ياپونىيە خوككايدۇ ساپپورو ئالما مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ ئالدىدا، تەلۋە ئالما مەستانىلىرى يېڭى يىلدا تۇنجى تارقىتىلغان سوۋغاتلىقنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، قاتتىق قار ئىچىدە يەرگە ئورۇن سېلىپ ئۆچىرەتتە تۇرغان. سەھەر سائەت بەشتە، بىر قانچە ساقچى يېتىپ كېلىپ، مۈرىسىگە ئۇرۇپ، ئۆچىرەتتە تۇرغۇچىلارنىڭ ئۆلۈك تىرىكلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.
سۈرەتتە: كېچىچە ئۆچىرەتتە تۇرغان ئالما مەستانىلىرى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى