باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇگېجېلتۇ دېلوسىدىكى ھەقىقىي قاتىل جاۋ جىخۇڭ 5-يانۋار سوراق قىلىندى

2015.01.05 18:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاڭ جىخۇڭنى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى، باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 5-يانۋار كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى. باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن قاتىللىق قىلىش دېلوسى شەخسىيەتكە چېتىلغاچقا، سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت قىلماسلىقنى قارار قىلدى.

  كۆكخوت شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2014-يىلى 16-دېكابىر 1996-يىلى يۈز بەرگەن كۆكخوت «9-ئاپرېل» قاتىللىق دېلوسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋ جىخۇڭنىڭ جىنايەت پاكىتى ئۈستىدىن كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، جا جىخۇڭنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، باسقۇنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ ئەيىبلىگەن.

  كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى 31-دېكابىر 2015-يىلى 5-يانۋار سوت ئېچىپ جاۋ جىخۇڭنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق قىلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئىچىدە جاۋ جىخۇڭنىڭ بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق قىلىش جىنايىتىنى ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقىدىكەن؛ جاۋ جىخۇڭنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى شەخسىيەتكە چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت قىلماسلىقنى قارار قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر