باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

فۇدەندىكى زەھەر تاشلاش دېلوسىغا 2-سوتتا ئاشكارە ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدۇ

2015.01.06 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:  شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئۈندىدارىدا ئېلان ئۇچۇرغا قارىغاندا، شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى (پەيشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، جاۋاپكار لىن سېنخاۋنىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش توغرىسىدىكى نارازىلىق ئەرز قىلش دېلوسىغا ئاشكارە ھۆكۈم ئېلان قىلىدىكەن.

  2014-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى 1-سوتتا چىقىرىلغان ھۆكۈمدە، جاۋاپكار لىن سېنخاۋغا قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھكۇم قىلىنغانىدى. لىن سېنخاۋ ئارقىدىن نارازىلىق ئەرزى سۇندى، ئۇ ئەرزنامىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خۇاڭ ياڭنى ئۆلتۈرۈشتىكى قەستەنلىكنى ئىنكار قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لىن سېنخاۋنىڭ نارازىلىق ئەرزى 350 خەتتىن ئاشمايدىكەن: «نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى خۇاڭ ياڭنى ئۆلتۈرۈشتە قەستەنلىك مەۋجۇت ئەمەس، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خۇاڭ ياڭ ئىچكەن دىمېتىل نىتروئامىننىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۆلۈشىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىقدارغا يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى پاكىت ئېنىق ئەمەس، نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچىنى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغان دەپ بېكىتكەندىكى پاكىتنى بېكىتىشتە خاتالىق بار، 2-سوتتا تۈزۈتىلىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر