باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇگېجېلتۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ 1 مىليون يۈەن روھىي تەسەللى پۇلىغا ئېرىشكەنلىكى غولغۇلا قوزغىدى

2015.01.06 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى: خۇگېجېلتۇ دېلوسىدىكى روھىي تۆلەم بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، دېدىئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى خۇگېجېلتۇ دېلوسى توغرىسىدا دۆلەت تۆلىمى قارارىنى چىقاردى: 1. تۆلەم تەلەپدارى لى سەنرېن، شاڭ ئەييۈنگە ئۆلۈم تۆلەم پۇلى، دەپنە پۇلى ئۈچۈن 1 مىليون 47 مىڭ 580 يۈەن بېرىلىدۇ؛ 2. تۆلەم تەلەپدارى لى سەنرېن، شاڭ ئەييۈنگە خۇگېجېلتۇ ھايات چاغدا تۇتۇپ تۇرۇلغان 60 كۈنگە جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش تۆلەم پۇلى ئۈچۈن 12 مىڭ 414 يۈەن بېرىلىدۇ؛ 3. تۆلەم تەلەپدارى لى سەنرېن، شاڭ ئەييۈنگە روھىي زەخىم تەسەللى پۇلى ئۈچۈن 1 مىليون يۈەن بېرىلىدۇ. يۇقىرىدىكى تۆلەملەرنى قوشقاندا 2 مىليون 59 مىڭ 621 يۈەن 40 پۇڭ بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1 مىليون يۈەنلىك روھىي تەسەللى پۇلى دۆلەت تۆلىمىدىكى روھىي تەسەللى پۇلى رېكورتىنى ياراتتى. بەزىلەر، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاسالانغاندا، روھىي تەسەللى پۇلى پىرىنسىپ جەھەتتىن دۆلەت تۆلەم قانۇنىدا بېكىتىلگەن جىسمانىي ئەركىنلىك تۆلەم پۇلى، ھايات ئامانلىقى تۆلەم پۇلى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %35 تىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى، لېكىن بۇ دېلودىكى 1 مىليون يۈەنلىك روھىي تەسەللى پۇلى يۇقىرى چەكتىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن، شۇڭا بۇ تۆلەم بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنمۇ-ئۇيغۇن ئەمەس؟، دەپ قارىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر