باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئاق بۇلغىنىشنى تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتتى

2014.01.07 15:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ. مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇپراقنىڭ ئاق بۇلغىنىش، يەنى كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇق بىلەن بۇلغىنىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نەق مەيدان تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كېۋەز، كۆممىقوناق قاتارلىق كۆپ قىسىم زىرائەتلەرگە سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى كەڭ قوللىنىلغاندىن كېيىن، 2012 – يىلى سۇلياۋ يوپۇقنىڭ قاپلاش كۆلىمى 47 مىليون موغا، يىللىق ئىشلىتىلىش مىقدارى 185 مىڭ توننىغا يەتكەن. سۇلياۋ يوپۇق ئاسان پارچىلانمايدىغان بولغاچقا، تۇپراق قاتلىمىدا ساقلىنىپ مۇھىتنى بۇلغاش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلەنگەن.

  ئاپتونوم رايون 2013 – يىلى 38 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، 13 ناھىيە (شەھەر)دە تۇپراقنىڭ ئاق بۇلغىنىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايون ماناس ۋە لوپنۇر ناھىيەسىنى 2014 – يىلى ئاق بۇلغىنىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىكى ناھىيە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان سىناق نۇقتىسى قىلىش لايىھەسىنى تەستىقلىغان بولۇپ، زىيادە نېپىز سۇلياۋ يوپۇقنىڭ تېرىلغۇ يەرگە كىرىشىنى چەكلەش، كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نۇقتىلىرىنى قۇرۇش، كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇقلارنى يىغىۋېلىپ پىشششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى يۆلەش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ھەم كېڭەيتكىلى ھەم ئەمەلىي پايدىلانغىلى بولىدىغان تۈزەش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر