باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاممىۋى لۇشيەن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆزگىرىش ۋە ئۈنۈمنى تېز كۆرسىتىش ئۈچۈن، مەسىلىنى يېتەكچى قىلىش، تۈزىتىشتە چىڭ تۇردى (2)

2013.11.11 16:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى 995 تىن 514 كە قىسقارتتى، بۇنىڭ بىلەن ئىخچاملانغان ئىشلار ئۆتكەن ئون يىلدىكىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولدى. تارماقلارنىڭ ھۆججەت ۋە قىسقا خەۋەرلەر گېزىتىنى تۈزۈپ تارقىتىش نىسبىتى %22 ئازايدى. ھەر خىل باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرى 80 گە قىسقاردى. ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ‹‹ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى›› چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.57 ئازايدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئورگانلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىلىدىن 5220 سى رەتكە سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 1760 ئاپتوموبىل ئىشتاتتىن، 2847 ئاپتوموبىل ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. تەستىقلىنىپ بولغان خىزمەت بىناسى، ئاشخانا، مېھمانخانا سېلىش تۈرىدىن 18 نى توختاتتى. بۇنىڭغا چېتىلىدىغان مەبلەغدىن 273 مىليون يۈەن تېجەلدى. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلارنىڭ ئەزالىق كىنىشكىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىرمۇ كادىردا ئەزالىق كىنىشكىسى بولماسلىق، بۇ توغرىدا بىرمۇ دوكلات بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. مەركەزنىڭ <<سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە>>سى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ <<ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە>>سى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 262 نى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، 283 كادىرنى بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 19 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، 824 دىلو تۇرغۇزۇلۇپ، 816 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىپ، 55 كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلدى.

  ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىندى

  ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايوننىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، تەشكىلات بۆلۈمى ۋە مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلاردىن يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، تەقلىدىي ئىش بېجىرىش، ئىز قوغلاپ كۆزىتىش، ئىش بېجىرگەن ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆزنەك مۇلازىمەت قىلىدىغان ئون ئورۇننىڭ خىزمەت ئىستىلى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مۆھلەت بەلگىلەپ تۈزىتىشكە بۇيرۇدى. تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا قاتناشقان 1 – تۈركۈمدىكى ئورۇنلاردىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

  قائىدە ۋە تۈزۈم بەلگىلەپ، ئۇزاققىچە تۈزىتىش تەلەپ قىلىندى

  تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئۇزاققىچە باشقۇرۇلىدىغان، ماھىيەتتىن باشقۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يۈزەكى تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن قائىدە – تۈزۈم بېكىتىشنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قائىدە – تۈزۈمدىن بىرى بېكىتىلگەن ھامان بىرنى يولغا قويدى. ھازىر بەزى تۈزۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئاپتونوم رايون ‹‹كادىرلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش كۈرىشىدىكى سىياسىي ئىپادىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئشلەش توغرىسىدىكى پىكىر›› قاتارلىقلارنى بېكىتتى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ‹‹ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تۈزدى؛ ئادەمنى توغرا ئىشلىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كىشىلەرنى زىيان تارتقۇزماسلىق››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم ئىشلىتىش يېتەكچى پىكرىنى تۈزدى. ھازىر ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرمەكتە.

  ئاپتونوم رايوننىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 1 – تۈركۈمدە تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا قاتناشقان ئورۇنلاردىن تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە سېلىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا يېڭىدىن بېكىتىشكە تېگىشلىك تۈزۈملەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ئارقىلىق ئىستىلنى ياخشىلاشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈكلۈكىنى ۋە قېلىپلىشىشىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر