- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2020 – يىلى شىنجاڭنىڭ كىيىم – كېچەك مەھسۇلات قىممىتى 160 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ
2013.09.09 17:08 مەنبە: خەلق تورى
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىس خەۋىرى: 7 – سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم – كېچەك بايرىمى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىلىرى ھەمكارلىقى سۆھبەت يىغىنى» دىن ئىگىلىشىمچە، سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق سانائىتى كەسىپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تۈزگەن «ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق كەسىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى تېزىسى (2014 ـ 2020)» ئېلان قىلىنغان، «تېزىس» دە 2020 – يىلىغىچە شىنجاڭ توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۇرچۇق سانىنى 20 مىليونغا، يىللىق كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 500 مىليون قۇرغا، دىلۇن مىقدارىنى 950 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، 2020 – يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى مەھسۇلات ئومۇمىي قىممىتىنى 163 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش، كىيىم – كېچەك ساھەسىدىكى خادىملارنى بىر مىليونغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى
ئالاقىدار خەۋەرلەر