- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ كۈيتۈن شىمالىي شىنجاڭ ئاپتوموبىل-ماشىنا-ئېلىكتىر سودا مەركىزىنى تىرىشىپ بەرپا قىلماقتا
2013.09.09 16:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-سىنتەبىر شىنجاڭ كۈيتۈن ئاپتوموبىل سودا ئالاھىدە كوچىسى رايونى ئىش باشلىدى، ئاپتوموبىل-ماشىنا-ئېلېكتىر سودا باغچىسى، ئاپتوموبىل سودا شەھەرچىسى سىناق تىجارەت باشلىدى. ھازىرغىچە ئاپتوموبىل سودا شەھەرچىسىگە 19 ئاپتوموبىل ماركىسى ئورۇنلىشىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى سېتىش سوممىسى 330 مىليون يۈەن بولدى. ھازىر كۈيتۈن ئاپتوموبىل-ماشىنا-ئېلېكتىر سودىسى يېڭى بىر پەللىگە چىقتى.
شىمالىي شىنجاڭ خەلقئارا ئاپتوموبىل-ماشىنا-ئېلېكتىر سودا باغچىسى تۈرى 2010-يىلى 10-ئايدا كۈيتۈنگە ماكانلاشقان بولۇپ، مەملىكەتلىك سودا-سانائەت بىرلەشمىسى ئاپتوموبىل-موتسىكلىت زاپچاسلىرى سودا ئۇيۇشمىسى، جېجياڭ باۋما ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى گۇرۇھى، جېجياڭلىق سودىگەرلەر بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى جاڭجياگاڭ سودا ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، كۈيتۈن سۇجې بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. يەر كۆلىمى 1600 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىليون 500 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن. (بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر