خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-مارت، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دە «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»نىڭ ئىككىنچى پەسىللىك كۇرسانتى، ناخشىچى تاسكىن چۇەنجىي مېھمانسارىيىنىڭ ئۈرۈمچى قىزىلتاش مېھمانخانىسى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن « ياخشى ئاۋاز» سەھنىسىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەر بىلەن بىرلىكتە بەھرىلىنىدۇ.
34 ياشلىق شىنجاڭلىق يىگىت تاسكىن «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى، ياشلىق كۆزلىرى بىلەن «356 چاقىرىم»نى چۈشەندۈرۈپ، تاماشىبىنلارنى زىلزىلىگە سالغان، بىراق ناخشىنى ئېيتىپ بولغىچە يېتەكچىلەر تەسرلەنمىگەن. تاسكىن خەلق ناخشىسى «چىرايلىق ئەتىرگۈل»نى ئېيتقاندىن كېيىن، يېتەكچىلەرنىڭ ھەممىسى تەسىرلەنگەن ھەمدە كۇرسانتىدىن كەچۈرۈم سورىغان.
مەنبە: خەلق تورى