باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىرىق نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان شەھەرنىڭ ئۆي ئۇچۇرى تورلاشتۇرۇلدى

2014.03.19 17:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرى چى جى 19-مارت پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆي ئۇچۇرىنى تورلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئۆي مۈلۈك كەسپى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان 40 شەھەرنىڭ ئۆي ئۇچۇرى مىنىستىرلىقىمىز بىلەن تورلاشتۇرۇلدى، سىستېما ئىچىدە شەھەرلەردىكى مىقدارى ئاشقان ئۆيلەرنىڭ سودا ئۇچۇرى ئاپتوماتىك خاتىرىلىنىدۇ. ئۇچۇر سىستېمىسىدىن بۇرۇن ساقلانما ئۆي توختىمى بولمىغانلىرىغا قارىتا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى جايلاردىن ئۇچۇر سىستېمىسىغا جىددىي كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، خېلى كۆپ شەھەرلەر بۇ خىزمەتنى ئورۇنلاپ بولدى.

  چى جى مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بۇلتۇرقى ئۆي مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۇقتۇرۇشىدا، 12-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاخىرىدا شەھەرلەردە مەملىكەتلىك شەخسىي ئۆي ئۇچۇر سىستېمىسىنى تورلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش تىلغا ئېلىندى.

  بۇندىن باشقا، چى جى مۇنداق دېدى: يېقىندا ئېلان قىلىنغان «دۆلەتنىڭ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش پىلانى»دا، يەر تىزىملاشنى ئاساس قىلغان كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاپ تۈزۈمى ئورنىتىش تىلغا ئېلىندى، بۇ خىزمەت-ئۆي تىزىملاش مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ، مىنىستىرلىقىمىز دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بىلەن بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر