باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىدىكى داۋالغۇش بازارنىڭ رولىدىن بولدى

2014.03.19 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ سودا ئاكتىپ بالانىسى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور كۆلەمدە تارايدى شۇنداقلا خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پېرېۋوت قىلىنىش نىسبىتىدىمۇ تېز سۈرئەتتە قىممىتى چۈشۈش ئەھۋالى پەيدا بولدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن دەنياڭ 18-مارت بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىدىكى داۋالغۇش بازار رولىنىڭ نەتىجىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئەكس ئەتتۈردى، بۇنىڭغا بەك ئىزاھات بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەتراپتىكى بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇش كۆلىمى يەنىلا نورمال دائىرىدە بولماقتا.

  شېن دەنياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك پېرېۋوت نىسبىتى-تاشقى ئىقتىساد-سودا كارخانىلىرى دۇچ كەلگەن پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا خەلقئارا راسچوت بانكىسى تۈزگەن خەلق پۇلىنىڭ ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك پېرېۋوت نىسبىتى كۆرسەتكۈچى قىممەت جەھەتتىن يەنىلا داۋاملىق ئاشقان.

  شېن دەنياڭ مۇنداق دېدى: خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك داۋالغۇشى دائىملىق ئەھۋالغا ئايلىنىدۇ. ئالاقىدار سىياسەت مۇھىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە كۆزلىمىنى ساقلاش-تاشقى ئىقتىساد-سودا كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، سودا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن داۋاملىق پائال ماسلىشىپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسەن مۇقىم بولۇشىنى تېرىشىپ ساقلايدۇ شۇنداقلا خەلقئارا رىقابەتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، تاشقى ئىقتىساد-سودا ساھەسىدە خەلق پۇلىنى ئىشلىتىشنى پائال كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى خەتىرىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر