باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيەدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى ئاجرىتىشنىڭ تەپسىلىي ئېلان قىلىندى

2014.03.19 16:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خامچوت، نەقچوتىنى ئاشكارىلاش مەزمۇنىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ خامچوت، نەقچوتىنىڭ ھەممىسىنى چىقىم ئىقتىدارىنى تۈرگە بۆلۈشنىڭ تۈر دەرىجىلىك ھېساباتىغىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈش، مەخسۇس يۆتكەپ چىقىم قىلىنىدىغان خامچوت، نەقچوتنى كونكرېت تۈرلەرگە ئىنچىكىلەشتۈرۈش؛ يەرلىك تارماقلارنىڭ خامچوت، نەقچوتىنى ئاشكارىلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەخپىيەتلىككە ئالاقىدار تارماقلاردىن باشقا، يەرلىكتىكى مالىيەدىن ئاجرىتىلغان خىراجەتنى ئىشلىتىدىغان بارلىق تارماقلارنىڭ ئۆز تارمىقىنىڭ خامچوت، نەقچوتىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى ئاشكارىلاش كۈچەيتىلىپ، ئاشكارىلاش مەزمۇنىنى ئىنچىكلەشتۈرۈپ، مالىيەدىن ئاجرىتىلغان ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئۈچ خىراجىتى تەپسىلىي ئېلان قىلىنىشى كېرەك، ھۆكۈمەت ماشىنىسى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ھەققىنى ئاشكارىلاش-ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى سېتىۋېلىش ھەققى ۋە ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىش ھەققىگە ئايرىلىپ ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈشى لازىم.

  يەرلىكنىڭ خامچوت، نەقچوتنى ئاشكارىلىشىنىڭ ۋاقىت چېكى خامچوت، نەقچوت تەستىقلانغاندىن كېيىنكى 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە بولىدۇ، ئاشكارىلاش ۋاقتى بىردەك بولۇشى، ھەر يىلى ۋاقىتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ خامچوت، نەقچوتى، تارماقلارنىڭ خامچوت، نەقچوتى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتىنىڭ خامچوت، نەقچوتى قاتارلىق مەزمۇنلار جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىپ، بىر كۈن ئىچىدە ئاشكارىلاپ بولۇش كېرەك، ھەر قايسى ئۆلكىلەر پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر يىلى 31-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن بۇنى ئورۇنلاپ بولۇشى لازىم. ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتىنىڭ خامچوت، نەقچوتى تارماقلارنىڭ خامچوت، نەقچوتى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر