باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەسلى ۋە مەكتەپلەردە خالىغانچە بالىلارغا كوللېكتىپ دورا ئىچۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ

2014.03.19 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىشخانىسى تۈنۈگۈن « شەنشى، جىلىندىكى بەزى يەسلىلەردە كوللېكتىپ دورا ئىچۈرۈشتەك قانۇنغا خىلاپ ۋەقە سادىر بولغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» چىقاردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يەنە سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن بالىلار ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىك مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، جايلاردىكى مائارىپ، سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەمدە يەسلى، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئالاقىدار ھۆججەتلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە، يەسلى بالىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قاتتىق باشقۇرۇشى، ئادەتتىكى كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بالىلار ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دورا ئىچۈرۈشكە توغرا كەلسە،بەش چوقۇمنى كۈچەيتىشى يەنى چوقۇم ئالدى بىلەن داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكۈزۈشى، چوقۇم ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈشى شۇنداقلا تەپسىلىي ئالدىنى ئېلىش لايىھەسى تۈزۈشى، چوقۇم ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا ئەھۋالنى بىلدۈرۈپ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش، ئىختىيارى قاتنىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، چوقۇم سەھىيە تېخنىكا خادىملىرى نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشى، چوقۇم تولۇق گۇۋاھنامىلىق مۇنتىزىم دورا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كارخانىلىرىدىن دورا سېتىۋېلىشى كېرەك، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۆزى خالىغانچە ياكى ھوقۇقىدىن ھالقىپ يەسلى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كوللېكتىپ دورا ئىچكۈزۈشكە تەشكىللىىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كۈچلەرنى تەشكىللەپ، يەسلى ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ساغلاملىق مۇلازىمىتى باشقۇرۇشىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش كېرەك، مائارىپ، سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى يېقىندىن ماسلىشىپ، يەسلى ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ساغلاملىق مۇلازىمىتى باشقۇرۇشىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، مەمۇرىي رايوندىكى يەسلىلەردە بالىلارغا كوللېكتىپ دورا ئىچكۈزۈش ئەھۋالىنىڭ بار يوقلۇقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى شۇنداقلا 10-ئاپرېلغىچە بارلىق ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر