- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مالايسىيەنىڭ ئايروپىلانى ئەڭ ئۇزۇن يوقاپ كېتىش رېكورتىنى ياراتتى
2014.03.19 17:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH370 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 19-مارت 12 كۈن بولۇپ، تارىختا سودا يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇش رېكورتىنى ياراتتى. 19-مارت سائەت سەككىزدە، جۇڭگونىڭ پاراخوتلىرى سىنگاپورنىڭ ئەتراپىدىكى ۋاقىتلىق يىغىلىش نۇقتىسىدىن يولغا چىقىپ، جەنۇب-شىمال ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، ۋەزىپە ئۆتەيدىغان دېڭىزلارغا قاراپ مېڭىپ، 2-باسقۇچلۇق ئىزدەش ۋەزىپىسىنى رەسمىي باشلىدى.
كېيىنكى لايىھەگە ئاساسەن، ئېلىمىز پاراخوتلىرى بېنگال قولتۇقى، ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي دېڭىز ساھىلىنى جەنۇب-شىمال ئىككى تەرەپتىن ئىزدەش رايونىغا ئايرىدى، بۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
جۇڭگو دېڭىزدا قۇتقۇزۇش مەركىزى باش نۆۋەتچى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جولى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى بېنگال قولتۇقى، سۇندا بوغۇزىغا بېرىپ ئىزدەش-بىر قېتىملىق مىسلىسىز ئىزدەش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدا نۇرغۇن مۆلچەرلىگۈسىز قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن 1-سەپتىكى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى، ئازراقلا ئۈمىد بولسا، بىز ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر