- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق دىراما «ئىپارخان»نى قويۇش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى
2013.03.15 16:22 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى : 14-مارت ، چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق دىراما « ئىپارخان » نى تۇنجى قويۇش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى . يىغىنغا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ، مەدەنىيەت ئىدارىسى ، ساياھەت ئىدارىسى ، ئاياللار بىرلەشمىسى ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ۋە قەشقەردىكى ھەرقايسى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ، مۇزىكىلىق دىراما ‹‹ئىپارخان ›› نى پىلانلاش ، ئورۇنداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان شاڭخەي خۇييىن مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى ، رېژىسسور ، ئارتىسلىرى ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى .
شاڭخەي شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە مەدەنىيەت ئارقىلىق يارەم بېرىدىغان مۇھىم تۈرىنىڭ بىرى بولغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق دىراما « ئىپارخان » نى شاڭخەي خۇييىن مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى ، قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە شاڭخەي تىياتىر مەركىزى بىرلىكتە ئىشلىگەن بولۇپ ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋېن شىلىن پىلانلىغان .
شاڭخەي تىياتىر سەنئەت مەركىزىنىڭ داڭلىق ياش رېژىسسورى ۋە ئارتىسى جياڭ كې، سۇن نىڭفاڭلار رېژىسسورلۇق قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان . تىياتىردا سىرلىق غەربىي دىيار ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ ، ھەيۋەتلىك پايتەخت بېيجىڭ ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . تىياتىردا ئىناقلىق ، ھەقىقىي مۇھەببەت ، ئىشەنچ باش تېما قىلىنغان بولۇپ ، ئىپارخاننىڭ مۇھەببىتى ، ئەقىل-پاراسىتى ، گۈزەللىكى ۋە يۇرتنى سېغىنىش ھېسىياتىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ، جوڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىكى قويۇق باردى-كەلدى مۇناسىۋەت تەسۋىرلەنگەن . تىياتىردا يەنە تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى ئىپار ھېدى ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇزىكا كۈيى ، ناخشا-ئۇسسۇل ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆرپ-ئادىتى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن . بۇ مۇزىكىلىق دىراما 1-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە قەشقەر كىنو-تىياتىرخانىسىدا ، 23-مايدىن 5-ئىيۇنغىچە شاڭخەي تىياتىرخانىسىدا قويۇلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە