باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

بېلگىيەنىڭ پانامانى يېڭىشى ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى

تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان پاناما كوماندىسى دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان بېلگىيە كوماندىسى ئەزالىرىدىن سوغۇق تەر چىقىرىۋەتتى

2018.06.19 15:34   مەنبە: خەلق تورى

بېلگىيەنىڭ پانامانى يېڭىشى ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى

  6-ئاينىڭ 18-كۈنى پاناما كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى پېنىدو (ئوتتۇرىدا) توپ توسۇماقتا. شۇ كۈنى، سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ G گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، بېلگىيە كوماندىسى 3 دە 0 نەتىجە بىلەن پاناما كوماندىسىنى يەڭدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-چېسلا، تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان پاناما كوماندىسى دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان بېلگىيە كوماندىسى ئەزالىرىدىن سوغۇق تەر چىقىرىۋەتتى، بىراق بېلگىيە كوماندىسى كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ توپ ئۇرۇپ، 3:0 نەتىجە بىلەن 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان غەلىبىسىگە ئېرىشتى.پاناما كوماندىسى شىمالىي، ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە كارىپ دېڭىزى رايونىدىن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە تاللاش مۇسابىقىسىدە، ئەڭ ئاخىرىقى پەيتتە ئامېرىكىنى سىقىپ چىقىرىۋەتتى ۋە گۇرۇپپىدىن چىقىش بېلىتىگە ئېرىشتى. ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بۇ كىچىك دۆلەت ئۈچۈن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ سەھنىسىدە پەيدا بولۇشىنىڭ ئۆزى چوڭ نەتىجە. بۈگۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىسىدە، پاناما كوماندىسى بېلگىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالىغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مېرتىنىسنىڭ يىراقتىن ئۇرغان توپى ۋە «كىچىك دىۋە» لۇكاكۇنىڭ ئىككى توپ ئۇرۇشى بىلەن 3:0 نەتىجىدە بېلگىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

  بۇ، كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىق پەرقى چوڭ مۇسابىقە بولۇپ، پاناما كوماندىسىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرىنىڭ قىممىتى 9 مىليون ياۋروغا يېتىدۇ، بېلگىيە كوماندىسىدىكى پۈتۈن ئەزالىرىنىڭ قىممىتى 700 مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر