شۇ جاي ۋاقتى 7-فېۋرال جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېچىلىش مۇراسىمى مەيدانىغا كىردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فېي ماۋخۇا فوتوسى)
19-ياشلىق رۇس يىگىت ماكسىم ئۆمەكنىڭ ئالدىدا نام تاختىسىنى كۆتۈرۈپ باشلاپ ماڭدى.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، چەت ئەللىك تەنھەرىكەتچى، مۇخبىرلار سوچىغا ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، ماكسىم ئۇلارنى باشلاپ موسكۋا شېرىمېتيوۋۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ خەلقئارا چىقىش ئېغىزىدىن دۆلەت ئىچى كىرىش ئېغىزىغا ئېلىپ كەلدى، پىيادە ماڭىدىغان بۇ بىر بۆلەك يولدا ئۇ مېھمانلارغا شۈرەتكە چۈشىدىغان ياخشى ئورۇنلارنى تەۋسىيە قىلىپ بەردى ھەم ئانچە راۋان بولمىغان ئىنگلىز تىلىدا سوچى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بەلكىم بۇ ۋاسكىتبولخۇمار يىگىت دۇنياغا سوچى قىشلىق ئو ت م ھەققىدە گۈزەل تەسىرات قالدۇرىدىغان بىر يېڭى يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىمۇ سەزمىگەن بولۇشى مۇمكىن. (ما جيەن، ليۇ شوياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى