مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇنداق ئوقۇتقۇچى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنسا ئازراقمۇ ئۇۋالچىلىق بولمايدۇ!

2021.03.01 19:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ئاپاڭ بىر ئايدا قانچە پۇل تاپىدۇ، داداڭ بىر ئايدا قانچە پۇل تاپىدۇ، سېنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىمدىن ئاغرىنما، ساڭا دەپ قوياي، XXX نىڭ ئاپىسىنىڭ بىر يىلدا تاپقان پۇلى سېنىڭ ئاپاڭ 50 يىلدا تاپقان پۇلدىنمۇ كۆپ، سىلەرنىڭ ساپايىڭلار ئوخشامدۇ؟» يېقىندا تيەنجىندىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپلىگەن ئاۋازى تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. 27-فېۋرال، تيەنجىن شەھىرى جىننەن رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالدى، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ئىش ئورنى دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلدى، «ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى نىزامى»غا ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى، ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلدى.

  بۇ ئوقۇتقۇچى قارىماققا بىر مەھەل ئەخمەقلىق قىلىپ خاتا سۆزلەپ قويغاندەك قىلسىمۇ، ئىنچىكە ئويلاپ باقىدىغان بولساق، ئۇنىڭغا ئازراقمۇ ئۇۋال قىلغانلىق بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىشى لازىم. ئوقۇتقۇچىلار ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. لېكىن توردا ئېلان قىلىنغان بۇ ئاۋازدا، بۇ ئوقۇتقۇچى ئاتا-ئانىلارنىڭ كىرىمى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ كىرىمىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتكەن، بۇنداق بۇرمىلانغان قىممەت قارىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە دەرس مۇنبىرىنىڭ پاكلىقى ۋە مۇقەددەسلىكىگە داغ تەگكۈزىدۇ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەق-ناھەق، ياخشىلىق-يامانلىق، گۈزەللىك-رەزىللىك، ئەزىز-پەسلىك جەھەتتىكى توغرا ھۆكۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئويلاپ باقايلى، بۇنداق «ئۈچ قاراش توغرا بولمىغان» ئوقۇتقۇچىغا يولۇققاندا، قايسى ئائىلە باشلىقى بالىسىنى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرەلەيدۇ؟ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغان بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى − ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئاساسىدۇر، بىر ئوقۇتقۇچى ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، قەلبىدىكى مۇھەببەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىشەندۈرەلەيدۇ ۋە قايىل قىلالايدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە ئەسكەرتىش بەردى. ياخشى تەربىيەدە شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم، ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەت قىلىش شەكلىدە رىغبەتلەندۈرۈشكە بولمايدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار مۇئەللىمنىڭ قاتتىقراق باشقۇرۇپ، بالىلىرىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە تايىنىپ، «قاتتىق باشقۇرۇش»نى باھانە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يامان گەپلەرنى قىلىدۇ، بۇنداق تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال بولۇپ، سەۋرچان ئەمەس، شۇنداقلا ياشلىق مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىغا سەل قارايدۇ. كۆپرەك ئىجابىي يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپرەك ئىلھام بېرىپ، كەڭ قورساق بولۇپ، كۆپرەك چۈشىنىپ پىكىر ئالماشتۇرغاندىلا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئىناق بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ