مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تولۇق ئائىلە ئايالى ئاجراشقاندا ئۆي ئىشلىرى تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىشى كۆپ خىل قىممەتنى نامايان قىلىدۇ

2021.02.26 19:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىندا بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى تەتبىقلىنىدىغان تويلىشىشتىن ئاجرىشىشتىكى ئائىلە ئىشلىرى تولۇقلىمىسى دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان. سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا ئىككى ئادەمنىڭ ئاجرىشىشىغا رۇخسەت قىلىش، ئورتاق مال-مۈلۈكنى ئىككى تەرەپ تەڭ بۆلۈشۈش، ئەر تەرەپ ئايال تەرەپكە 50 مىڭ يۈەن ئۆي ئىشلىرى تولۇقلىما پۇلى بېرىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان. بەزى ئوبزورلاردا، بۇ «تولۇق ئائىلە ئايالى»غا يار-يۆلەك بولغانلىق، دەپ قارالدى.

  «تولۇق ئائىلە ئايالى» ئائىلىنىڭ ئېھتىياجى، شەخسنىڭ ئارزۇسى قاتارلىق ئامىللاردىن ئۇنىۋېرسال شەكىللەنگەن سالاھىيەت بولۇپ، ياخشى-يامان دەپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىگە بىۋاسىتە قاتناشمىغانلىقتىن، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالماسلىقى بەزى تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىقى ھۆكۈمدە ئائىلە ئەمگىكىنىڭ قىممىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، تولۇق ئائىلە ئايالىنىڭ تۆلىگەن بەدىلىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

  ئائىلە ئىشلىرىغا تولۇقلىما بېرىش تۇنجى ھۆكۈم قىلىنغان دېلو بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ دېلو كۆپ خىل ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەسىلەن، «ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى» ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. تۇرمۇشتا، ئاياللار كۆپ ھاللاردا ئائىلە ئەمگىكىنىڭ ئاساسىي كۈچى دەپ قارىلىدۇ، ھەتتا بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئۆي ئىشلىرى ياخشى قىلىنمىغان بولسا، «ئايالى ھورۇن» دەپ قارىلىدۇ، ئەرلەر ئازراق ئۆي ئىشلىرىنى قىلسىلا «ياخشى ئەر» دەپ ماختىلىدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى ھۆكۈم ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئائىلە ئورنىنىڭ ئېغىشىغا بولغان بىر خىل تۈزىتىش ھېسابلىنىدۇ. جىنس پەرقى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاياللار ئۆي ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلالىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئاياللارنىڭ چوقۇم ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ − ئەر-ئاياللار باراۋەر ئۈستىگە ئالغاندا، بۇنداق ئائىلە تېخىمۇ ئىناق بولىدۇ، بۇ ھەم قانۇن ئىدارە قىلىش روھىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  مەسىلەن، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 8801-ماددىسىدا «ئەر-خوتۇندىن بىر تەرەپ پەرزەنتلىرىنى بېقىش، ياشانغانلارغا قاراش، يەنە بىر تەرەپكە ياردەملىشىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى كۆپرەك ئۈستىگە ئالغان بولسا، تويلىشىشتىن ئاجراشقاندا يەنە بىر تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، يەنە بىر تەرەپ تۆلەم بېرىشى كېرەك»، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ، يۇقىرىقى دېلودىكى سودىيەلەر مۇناسىپ ھۆكۈم چىقىرىشىنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. ئەتراپتىكى دېلو مىساللىرى ئارقىلىق قانۇن ماددىلىرىنىڭ تەتبىقلىنىشىنى چۈشەندۈرگەندە، ئاممىنى قانۇنغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، تۇرمۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

  پەي توپ ئوينىغاندا يارىلانسا، يارىلانغۇچى «خەۋپ-خەتەرگە ئۆزى خالاپ يۈزلەنگەن» بولغاچقا، تۆلەمگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن، بېسىپ چىقىرىلغان ۋەسىيەتمۇ كۈچكە ئىگە بولالايدۇ، ئەر-خوتۇن ئىچىدىكى بىر تەرەپ تويدىن ئىلگىرىكى ئېغىر كېسەللىكنى يوشۇرغان بولسا، توي مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنىدۇ... «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىغان بۇ دېلولار قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى يېڭىلاپ، تالاش-تارتىشنى توختىتىش رولىنى ئوينىدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى «يار-يۆلەك بولۇش» ھۆكۈمى يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ۋە بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان ئويلىنىشىنى قوزغايدۇ. مەسىلەن، ئەر-خوتۇنلار قانداق قىلىپ باراۋەر، ئىناق ئۆتۈشى كېرەك؟ تولۇق ئائىلە ئايالى قانداق خەۋپ-خەتەرلەرگە دۇچ كېلىدۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدىن قانداق ساقلىنىش ۋە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ۋەھاكازالار.

  مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى بولغان قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ