مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك

2020.08.13 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى بولسا، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەتلىرى ھەمدە تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىش، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى. ئالىي مەكتەپلەر سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلار ۋە ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بازا. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى، ئۇ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەيدىغان، باشقۇرىدىغان، نازارەت قىلىدىغان، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاساسىي ئورۇن بولۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەتلىرىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش شەرت.

  سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش جەريانىدا ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مائارىپ ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنىنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. يېڭى دەۋردە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «پاراۋۇز»لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەتلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز مەكتىپى، ئۆز ئىنستىتۇتى، ئۆز ياچېيكىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي جەھەتتە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىللە بولۇش ئاڭ يۈكسەكلىكىنى ساقلاپ قالدى. ئالىي مەكتەپنىڭ ئاساسى بولسا ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتۇر. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ مەقسىتى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئورۇنداشتۇر. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي گەۋدە ئارقىلىق، بارلىق خادىملار، پۈتۈن مۇساپە، ھەر تەرەپلىمە تۈزۈلمە مېخانىزمى، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ