مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنى تىرىشىپ ئورۇنداش لازىم

-- «كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەردە قانداق قىلىپ سالماقلىق بىلەن ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ ئالتىنچى قىسمى

2020.08.13 17:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى پۈتۈن دۇنيادا تارقالغان يۇقۇمنىڭ ئېغىر سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى. ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سىجىلچان، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتتا، تېخىمۇ يېڭى ۋە تېخىمۇ داغدام قەدەملەر تاشلاندى. كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتتە، تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلىدىكى پۇرسەت ۋە خىرىسلارنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ۋە ئۆزگۈرۈشلەر بولدى، يېڭى تەرەققىيات ۋە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا «ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت تۈپ تەلەپنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات كۆلىمى، سۈرئىتى، سۈپىتى، قۇرۇلمىسى، ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك لازىم.

  يۇقۇمنىڭ زەربىسى ئاستىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەشتۇرۇش» بولسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن ۋەزىيەتكە قارىتا چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەم شۇنداقلا بىزنىڭ مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئەھۋالدىكى ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇشنى ياخشى قىلىشىمىزدىكى ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچى ئىدىيەمىز ھېسابلىنىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى يادرولۇق مەسىلە ئىچكى- تاشقى ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بىر تەرەپتىن، ئېكسپورت يۆنىلىشىنى تەدرىجىي ھالدا ئىچكى ئېھتىياجنى قوزغىتىشقا بۇراش، بۇ بىر ئەمەلىي تاللاشتۇر. ئەمما بۇ «بېكىنمىچىلىك قىلىش»تىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى بازار»نى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش خەلقئارا ئايلىنىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئوخشاشلا «ئىككى خىل بايلىق»دىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش شەرتى ئاستىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئىچكى-تاشقى ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

  شۇنى كۆرۈش كېرەككى، پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار مەۋجۇت. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزنىڭمۇ ئىقتىدارىمىز ۋە شارائىتىمىز بار. بىزنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل ۋە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان سانائەت سىستېمىمىز بار، بىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان يىغىلغان ماددىي ئاساسقا ۋە يېتىشتۈرگەن مەنىۋى كۈچكە ئىگە، تېخىمۇ مۇستەھكەم بازار سۇبيېكتى ۋە نۇرغۇن كەسپىي ئىختىساسلىقلارغا ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ