مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى ئوبزورى: يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسەرلەر ئارقىلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىنى قايتا نامايان قىلايلى

2020.08.12 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقى. مۇشۇنىڭغا مۇناسىب ھالدا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى مەركەزلىك قويۇلىدۇ، شۇ ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى ئۆز ئىسسىق قانلىرى ۋە ھاياتى بىلەن يېزىپ چىققانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلەيدۇ. يېقىندا رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار ئاڭلىتىش ئاپپاراتلىرىدىن شۇنى تەلەپ قىلدى، يەنى ئۇلاردىن ئادەتتىكى ساۋاتلارغا خىلاپلىق قىلىدىغان، تارىخنى ئويۇن قويۇشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق خالىغانچە چۈشەندۈرىدىغان، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تارىخىي تېمىنى زىيادە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىنى ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان ناچار قىلىقلارنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش كىنولىرىنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللاپ، تۈپتىن تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساداسىغا ئىنكاس قايتۇردى.

  ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى بىر پارچە ياخشى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى شۇنداق بولۇشى كېرەككى، ئۇ چوقۇم خەلقنىڭ باھاسى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىلى ۋە بازارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا ھەقىقىي چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئىدىيىسىنىڭ ئورتاق ئالقىشىغا ئېرىشەلەيدىغان ئەسەر بولۇشى كېرەك. تاماشىبىنلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن زور، ئۈمىدى ئىنتايىن يۇقىرى. ئاممىۋى سەنئەتنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئادەتتىكى تاماشىبىنلارنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىنى چۈشىنىش يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھازىر ئۇ ھەتتا كىشىلەرنىڭ تارىخنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشى ۋە ھەقىقىي بىلىمنى بايقىشىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى. دەل شۇ سەۋەبتىن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە، تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە بەدىئىي چىنلىققا ئىگە مۇنەۋۋەر تىياتىرلارنى ئىجاد قىلغاندىلا، ئاندىن تاماشىبىنلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تىياتىرىنى تاماشا قىلىشتىكى رېئال ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ تارىخنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشىگە، مىللەتنى تونۇش تۇيغۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

  ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىجادىيىتىنىڭ مەقسىتى بولسا، جانلىق سەنئەت تىلى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ تارىخىي تونۇشى ۋە مىللىي ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئىلگىرى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش كىنولىرىنىڭ سۈپىتى تەكشى ئەمەس ئىدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى تارىخ تۇيغۇسى كەمچىل بولغان كىنولار تاماشىبىنلارنىڭ ھەقىقىي تارىخقا بولغان تونۇشىنى زور دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان ئىدى، ئۇنداق چاكىنا نەرسىلەر بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  تارىخنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئېنىقلاپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئۈن–سىنلىرىنى توغرا يولغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئىشلەش ئۆتكىلى، تەكشۈرۈش ئۆتكىلى ۋە قويۇش ئۆتكىلىنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ، ئالاقىدار كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىجادىيىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى بىر دۆلەت ۋە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.» ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە كۆرسىتىشتە، سودا مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان چۇس روھىي ھالەتنى چۆرۈپ تاشلاپ، تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، تارىخنى بىلىپ، تارىخنى تەتقىق قىلىپ، تارىخنى قايتا كۆرسىتىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش كىنولىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئىدىيەۋى مەزمۇن ۋە بەدىئىي قىممەتنى ھەقىقىي تۈردە قېزىپ ۋە نامايان قىلىپ، مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ھەيۋەتلىك مىللىي روھ، تىللاردا داستان بولغۇدەك پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازى، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان قەھرىمانلارنىڭ ئۇلۇغ ھەرىكىتىنى چوقۇم كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن تارىخنىڭ ۋە دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى، ھەمدە تاماشىبىنلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، مىللىي ئىشەنچ ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ