مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى ئوبزورى: بالىلارنى ئىلمىي تەربىيەلەيدىغان ئۇچۇر مۇھىتى يارىتىش كېرەك

2020.08.13 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر، بالا بېقىشتىكى ھەر خىل ئىدىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، بالا بېقىش تۈرىدىكى ئاممىۋى سۇپا، كۆرۈنمە چاستوتا نومۇرلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، قانداق قىلغاندا زور مىقداردىكى ئۇچۇرلاردا ساختىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، مېغىزىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ بۇ مەسىلە ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتتى. يېقىندا بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە بۇ نۇقتا ئىسپاتلاندى: بالا تەربىيەلەشتە قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، زىيارەت قىلىنغان ئاتا-ئانىلارنىڭ %91ى بالا بېقىش تۈرىدىكى ئاممىۋى سۇپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن زىيارەت قىلىنغان ئاتا-ئانىلارنىڭ %60.5ى بۇ خىل سۇپىلاردا كېرەكسىز ئۇچۇرلار بەك كۆپ، دەپ قارايدۇ.

  «ھېچكىم تۇغۇلۇپلا ئاتا-ئانا بولمايدۇ». لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولۇش ئۈچۈن، كۆڭۈل قويۇپ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشقا، بىلىم توپلاشقا توغرا كېلىدۇ. بالا توغۇلغاندىن باشلاپ، بوۋاقلار كارىۋىتىدىن تاكى قوشۇمچە تامىقىغىچە، سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتىن تاكى چەتئەل تىلى ئۆگىنىشكىچە، قىزىقىش سىنىپىدىن تاكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغىچە، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ياش ئاتا-ئانىلار نۇرغۇن بىلىم نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەنئەنىۋى بالا بېقىش ئىدىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئىنتېرنېتقا تايىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئاتا-ئانىلار ئىلمىي ئۇسۇلدا بالا تەربىيەلەشنى قوغلىشىش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى تېخىمۇ ئوچۇق ۋە ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىنچىكە تەربىيەلەش ئېھتىياجى تولۇق قويۇپ بېرىلگەن. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى ئېلىمىزنىڭ ئانا-بالىلار كەسپى بازىرىنىڭ كۆلىمى بىر تىرلىيون 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2020- يىلى 3 تىرلىيون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىدە، بالا بېقىش تۈرىدىكى بىلىملەر، يەنى تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان بازار تورتى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، يېڭى ئىستېمال كۆك دېڭىزىنى ياراتتى.

  نۆۋەتتە، توردا كەسپىي سەۋىيىگە ئىگە ۋە ئەلا سۈپەتلىك يېتەكچىلىك قىلالايدىغان نۇرغۇن بالا بېقىش ئاممىۋى سۇپىلىرى بارلىققا كەلدى، لېكىن، بالا بېقىش تۈرىدىكى بازارلاردا ساقلانغان مەسىلىلەرگە يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. «بالا تەربىيەلەشتە دائىم كۆرۈلىدىغان بەش خىل خاتا قاراشقا %99 ئاتا-ئانىلار يولۇقۇپ باققان». يەنە «ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسلىرى سىزگە ئۇيقۇدىكى داشقاللارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىدۇ»، «بالىلارنى ئۆگىنىشكە خۇمار قىلىدۇ ۋە ئاتا-ئانىلار توپىنىڭ بالا بېقىش تەجىربىسى» دېگەندەك قىزىقتۇرغۇچى گەپ-سۆزلەر بىلەن بەزى تاراتقۇلار ياكى بالا بېقىش ئاپپاراتلىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا ھەققىدىكى تەشۋىشىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مېلىنى ماركېتىڭ قىلىدۇ، كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان تېما بىلەن ئۇلارنى جەلپ قىلىپ، بىلىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش نىقابى بىلەن سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنى ساتىدۇ، ھەتتا ئۇياقتىن-بۇياققا قۇراشتۇرغان ساختا ئىلىم-پەنلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، بىر ساھەنىڭ كېڭىيىشتىن مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى، بىر كەسىپ تەرتىپسىزلىكتىن پىشىپ يېتىلىشى ھەرگىز ئىستىخىيەلىك ۋە ئاڭلىقلىققا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار «شەكىللىك قول»نىڭ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بالا بېقىش تۈرىدىكى تاراتقۇلارنى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بەرگۈزۈپ، بالا بېقىش بازىرىنى قانۇنلۇق ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولدا ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىگەندىلا، ئاندىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن ئىستېمالچىلار ئىقتىساد ۋە مائارىپتا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ئىلمىي ئۇسۇلدا بالا تەربىيەلەيدىغان ئۇچۇر مۇھىتى يارىتىشتا، ھەر قايسى تەرەپلەر قول تۇتۇشۇپ، ساختىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، راستنى ساقلاپ قېلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. كەسىپتىن قارىغاندا، بەزى بالا بېقىش تۈرلىرىدىكى تاراتقۇلاردا تەربىيەلەش ياكى تەربىيەلەش ساپاسى كەمچىل، ئۆزى ئىجاد قىلغان نەزەرىيە خىلمۇخىل، يوچۇقلار كۆپ؛ كەسىپكارلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسى تەكشى ئەمەس، كەسپىي تەربىيەلەش بىلىملىرى كەمچىل. بۇنىڭغا قارىتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ساھە ئىجازەت شەرتىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ