مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا جەڭ ئېلان قىلىشتىكى يامان غەرەز جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ

2020.08.12 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسى، ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ.

  ئامېرىكا سەھىيە ۋە جامائەت مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئەلىكىس 9- ئاۋغۇست تەيۋەنگە كېلىپ، ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى تەيۋەن مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئىزچىل رەۋىشتە ئامېرىكا-تەيۋەن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلدى، ھەمدە بۇ ھەقتە ئامېرىكا بىلەن كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئەزالارغا ئېنىق مەلۇمكى، ئامېرىكا يېقىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلاپ، دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئېنىق رەت قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ئەمدى جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا يۇقۇم ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئەمەلدار ئەۋەتتى، بۇ يۇقۇم ئەھۋالىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشىدىن باشقا ئىش ئەمەس.

  ھەممىگە ئايانكى، تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ سەزگۈر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى بولسا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىدۇر. 1978- يىلى 12- ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، ئارمىيەنى چېكىندۈرۈش، شەرتنامىنى بىكار قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپنى قوبۇل قىلدى ھەمدە مۇشۇ ئاساستا جۇڭگو بىلەن تەيۋەن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ 1978- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى ئېلان قىلغان جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ دائىرىدە، ئامېرىكا خەلقى تەيۋەن خەلقى بىلەن مەدەنىيەت، سودا ۋە باشقا غەيرىي-ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ. 1979- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇردى. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە دەخلى يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئامېرىكىنى تەيۋەن مەسىلىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا، تەيۋەن بىلەن ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئالاقىسى ۋە ئۇچرىشىش قىلماسلىققا، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىپ قىلغۇچى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ھېچقانداق خاتا سىگنال بەرمەسلىككە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە دەخلى يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشقا كۆپ قېتىم دەۋەت قىلدى.

  دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن بولسا، جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدۇ. تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، ھەمدە جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشقا، تەيۋەن رايونى بىلەن ھەر قانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت ئالاقىسى ۋە ئۇچرىشىشنى توختىتىشقا، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ماھىيەتلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆستۈرۈشنى توختىتىپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئامېرىكىنىڭ خاتا قىلمىشىغا قارىتا، جۇڭگو قەتئىي كۈچلۈك قارشى تەدبىر قوللىنىدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ