مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش لازىم

2020.08.12 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچقا يېتىشتىكى مۇقەررەر تاللىشى، شۇنداقلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ۋە خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىدۇر. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئېلىمىز ئۆزىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئىش تەقسىماتىغا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، ئۇ پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ مۇكەممەل ھەم كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان سانائەت سىستېمىسى، كۈچلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مۇكەممەل يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە 123 مىليون بازار سۇبيېكتى ۋە 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالە شەكىللەندۈرگەن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىچكى ئېھتىياج بازىرىغىمۇ ئىگە. نۆۋەتتە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ قورۇقچىلىقى ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، يەر شارى بازىرى چىكىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېنىقسىزلىقى چوڭايدى. تېخىمۇ مۇقىمسىز ۋە ئېنىقسىز بولىۋاتقان بۇ دۇنيادا، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتنى كۆزلىشى ۋە مۇۋاپىق تاللىشى بولسا، دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، كۆچمە ئالاقە تورى، نەرسە تورى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنقىلابى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. دۆلىتىمىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىلگىرىكىدەك ئامىل ئارقىلىق قوزغىتىشنى ئاساس قىلىشتىن ھازىرقىدەك يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قوزغىتىشنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىپ، دۇنيا قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. ئېلىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچلۈك بولغان بازار تىرىكى بىلەن تەمىنلەشتەك روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا، چوقۇم ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ۋە يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق چوڭ ئىشلارنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئېنىقسىزلىق ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ